ۋاپاتىنىڭ 60-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى_ماقالىلەر توپلىمى
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا| ISBN | 978-625-6984-84-4 |
| ئاپتور | مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا |
| تۈر | تارىخ |
| تىل | Arabic,Uyghur,English,Turkish |
| بەت | 440 |
| ئۆلچەم | - 16 Cutting |
| نەشرىيات | ئەۋلاد نەشرىياتى |
| نەشر يىلى | 2025 |
كىتاب ھەققىدە
قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەردە ئورۇن ئالغان مۇھاكىمە يىغىنى تېكىستلىرىدىمۇ كۆرۈلىدىغىنىدەك، ئۇنىڭ ھاياتىنى بىر جۈملە بىلەن خۇلاسىلەش زۆرۈر بولسا: «توختىما! يول تۈگىگەن بولسا، ئاللاھ باشقا بىر يول كۆرسىتىدۇ. داۋام ئەت!» دېيىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇ، قىسقا ئۆمۈرىدە بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالمىغان، ھەر دائىم بىر چىقىش يولى تاپقان. كۈرىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئويلىغانلارنىڭ ئەكسىچە، ئولتۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى يېزىش ئارقىلىق دەۋاسىنى ئەسىرلەر ئىلگىرىسىگە يىلتىز تارتقۇزغان. ھەممە نەرسىنىڭ تۈگىگەنلىكىگە ئىشەنگەنلەرنىڭ ئەكسىچە، خەلقئارالىق مەيدانلارغا ئۆزىنى ئېتىپ، شەرقىي تۈركىستاننى دۇنياغا تونۇتقان. خۇلاسىلىگەندە؛ ياشلىق يىللىرىدىن ئاخىرقى نەپىسىگىچە بىر دەقىقىمۇ بىكار تۇرمىغان بىر ئىنسان سۈپىتىدە، بۈگۈنمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا مەزلۇم جۇغراپىيەلەر ئۈچۈن كۈرەش ئۇسۇلىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن. مەملىكىتىمىزدە ھەقلىق رەۋىشتە تونۇلمىغان بۇ مۇھىم شەخسنى ۋە دەۋا ئادىمىنى مۇھاكىمە يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش، شەخسىم ۋە مەركىزىمىز نامىدىن بىر زور خوشاللىق مەنبەسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل ۋە تەسىرلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى نېسىپ قىلىشىنى جنابى ئاللاھتىن تىلەيمىز. قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەر، مۇھاكىمە يىغىنىدا سۇنۇلغان ماقالىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم قىلىنىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن. كىتابتا تۈركىيە، شىۋېيتسارىيە، كانادا، ئامېرىكا ۋە مىسىردىن قاتناشقان ئەكادېمىكلار تەرىپىدىن تۈركچە، ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە تىللىرىدا سۇنۇلغان 19 ماقالە تېكىستى ئورۇن ئالغان. بۇ خىزمەتنىڭ، شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىگە ئەكادېمىك جەھەتتىن قىممەتلىك بىر تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇ ئەھمىيەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ۋە كىتابنىڭ تەييارلىنىشىدا ئەكادېمىك ۋە تېخنىكىلىق باسقۇچلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجرا قىلغان تەشكىللەش ھەيئىتىگە، قىممەتلىك ئىلمىي ھەيئەت ئەزالىرىمىزغا ۋە تەتقىقات مەركىزىمىزدىكى خىزمەتداشلىرىمغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ماقالىلىرى بىلەن ئۇپۇقلىرىمىزنى ئاچقان بارلىق قىممەتلىك ئەكادېمىكلىرىمىزغا ۋە قاتناشقۇچىلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا بېشىدىن ئاخىرىغىچە چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ھەمكارلاشقۇچىمىز فارابى مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە تەتقىقات جەمئىيىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىشقا قەرزدارمىز. جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇللاھ قاراقاش ئەپەندىنىڭ شۇجۇدىدا پۈتۈن كوللېكتىپنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. مۇھاكىمە يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغان ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى (ئىزۈ) باشتا بولۇپ؛ ھەمكارلاشقۇچى ئاپپاراتلىرىمىز يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى، بۇغرا ئاكادېمىيەسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى جەمئىيىتى، رەقەملىك ئەسلىمە مەركىزى ۋە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىغا شۈكرانلىرىمىزنى سۇنىمىز. ۋاپاتىنىڭ 60-يىلىدا مەھمەت ئىمىن بۇغرانىڭ مىراسىنى ۋە كۈرىشىنى چۈشىنىشكە قارىتىلغان بۇ ئەسەرنىڭ خەيرلىك ئىشلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيمەن. دوكتور، ئوقۇتقۇچى ئەزاسى مۇھەممەد ئەلى بولات